باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابى شىنزو سىياسىيونلىرىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

2014.04.24 11:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 21-ئاپرېل كابىنېت باش ۋەزىر نامىدا ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر چىراغ بۇيۇمى بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ خوجىلىق ۋەزىرى شىندو يوشى تاكا ۋە يۈزدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى 22-ئاپرېل ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى. ئابى شىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى.

  ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ياماگۇچى 22-ئاپرېل خوجىلىق ۋەزىرى شىندو يوشى تاكانىڭ شۇ كۈنى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى يەنە تاۋاپ قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، كابىنېت ئەمەلدارلىرىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تەكرار تاۋاپ قىلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «قىزىل بايراق» گېزىتىدە 22-ئاپرېل باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: باش ۋەزىر ئابى شىنزو ۋە كابىنېت ئەمەلدارلىرى ئىبادەتخانىنى تاۋاپ قىلسۇن ياكى نەزىر چىراغلىق بەرسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ.

  يۇجۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى يوشىدا يۈچى: ئابى شىنزو ھاكىمىيىتى ھوشىنى تاپمىسا، خەلقئارادا تېخىمۇ يىتىم قالىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر