باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ساقچىلىرىنىڭ «يۈندۇەن ھەرىكىتى» بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2014.04.24 11:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ساقچىلىرىنىڭ توردا يالغان دورا سېتىشتەك جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىدىغان «يۈندۇەن ھەرىكىتى» تۈنۈگۈن ۋاشىنگىتوندا، ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى يەر شارى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەركىزى باھالاپ چىققان «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ چەتئەل ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىشى.

  بۇ ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى يەر شارى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەركىزى 23-ئاپرېل «دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنى»دە ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى قېتىملىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار يىللىق يىغىنى بولۇپ، يىغىندا 12 شەخس، كارخانا، تەتقىقات ئورنى، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكلاتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنىغا بۇ يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگو جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى رازۋېتكا قىلىش ئىدارىسى 2013-يىلى مۇۋەپپقىيەتلىك ھالدا توردا يالغان دورا سېتىشقا زەربە بەرگەن « يۈن دۈەن ھەرىكىتى»مۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بۇ ئىدارىنىڭ ئىستىمالچىلارنى يالغان دورىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن ساقلاش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى تەقدىرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر