باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان سايلىمى 2-باسقۇچقا كىرىشى مۇمكىن، ھېچبىر نامزات يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشمىدى

2014.04.24 11:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى 20-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىرېزىدېنت سايلىمىدا بېلەتنى ھېسابلاش خىزمىتىنىڭ يېرىمى ئاياغلاشتى، سايلامدىن ئىلگىرى ئۈمىد بار دەپ قارالغان 3 نامزاتنىڭ نۆۋەتتىكى ئاۋاز نىسبىتىدە مۇئەييەن دەرىجىدە پەرق كېلىپ چىقتى. ئافغانىستاندىكى تاراتقۇلار 21-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھېچبىر نامزات يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، سايلام 2-نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن.

  پاكىستاندا چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى ماكدون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە بېلەت ھېسابلاش تېخى ئاياغلاشمىغان بولسىمۇ، مەيلى قايسى نامزاتنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زىممىسىدىكى يۈك ئۇنداق يېنىك بولمايدۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك، چىرىكلىشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باي نامراتلىق پەرقى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئاساس سالىدۇ، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى تۇرۇش قېلىپىنى مەسلىھەتلىشىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ، بۇ تېررورچىلىقنى توسۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە سايلامنىڭ دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلماقچى. ئافغانىستان 5-ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزدى. ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئۇدا ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولغان كارزايى سايلامغا قاتناشسا بولمايدۇ، 8 نامزات پىرېزىدېنت سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ، ئەگەر بىرمۇ نامزات %50 تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشەلمىسە، بېلەت سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىككى نامزات ماينىڭ ئاخىرلىرىدا 2-نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن.

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل ئالدىدا مېڭىپ كەلگەن نامزات-ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ئابدۇللا بىلەن سابىق مالىيە مىنىستىرى ئەشىرەف غەنى ئەخمەدزايى داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ساقلىغان، بىراق بۇ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىر قەدەر زورايغان. ئابدۇللا تەخمىنەن %44 لىك ئاۋاز بىلەن ئەخمەدزايىدىن تەخمىنەن 11 پوئېنت ئالدىدا تۇرغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈچ كىشىلىك ئالدىدا تۇرغان نامزاتنىڭ بىرى بولغان سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى رەسۇلنىڭ نۆۋەتتىكى بېلەت نىسبىتى پەقەت %10 لا بولۇپ، ئاسمان زېمىن پەرق بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس. ھازىرقى پىرېزىدېنت كارزايىنىڭ ئاكىسى قېيىم كارزايى سايلامدىن چېكىنىپ چىقىش ئارقىلىق رەسۇلنى قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن رەسۇلمۇ كارزايى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈلدىكى پىرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارالدى.

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەخمەد يۈسۈپ نۇرستانىمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئېلان قىلغىنى پەقەت ھازىرقى باسقۇچتا ھېسابلانغان سان، بۇنىڭدا ھەرۋاقت ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن . شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئابدۇللا ئەخمەدزايى بىلەن 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە ئالدى كەينى بولىشى مۇمكىن، ئابدۇللانىڭ ئىسلاھات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇ 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى مۇمكىن.

  گەرچە سايلامنىڭ نەتىجىسى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاشقى ساھە ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى» ئىمزالاش ئىستىقبالىغا ئىزچىل ھالدا يۈكسەك دىققەت قىلىپ كەلدى. بىر نەچچە پىرېزىدېنت نامزاتى ئىلگىرى پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى دەرھال ئىمزالاپ، 2014-يىلىدىن كېيىنكى دەۋردىكى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمى ۋە ھوقۇقىنى بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئافغانىستاندىكى بىر قانچە مۇتەخەسسىس مۇخبىرغا: كېلىشىم ئىمزالاش ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن؛ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئىبارەت سەھنىدىن پايدىلىنىپ ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى نازارەت قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەتراپتىكى تەسىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ؛ ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىدىن ھەربىي ياردەم ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ، بۇ قوش غەلبە دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەندىن كېيىن ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىكى ئېغىر خىرىسقا يولۇقىدۇ، بىخەتەرلىك جەھەتتە تالىبان سايلامدىن كېيىن ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن، ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك يۇچۇقى ۋە بوشاڭ كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پىلان بويىچە ئارمىيەسىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بىر قانچە قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. سىياسىي جەھەتتە يېڭى ھۆكۈمەت ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىياسىي كۈچلەرنى ياراشتۇرۇش مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىقتىسادىي جەھەتتە نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھالسىز ھالەتتە، تەرەققىيات تاشقى ياردەمگە ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدۇ. مۇخبىر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا زىيارەتتە بولغاندا نۇرغۇن مۇتەخەسسلەر ئافغانىستان سىرتقا تايىنىشنى ئازايتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك دەپ قارىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر