باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ: جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2014.04.24 10:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 22-ئاپرېل سىياسىي-قانۇن رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تۇنجى قارار تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-يانۋار مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى. سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى ئىدىيىۋىي ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ئوبدان ئىگىلەپ، ئىدىيىۋىي سىياسىي ساپاسى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ساپاسىنى، يېڭى ۋەزىيەتتە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، نورمال تەرتىپكە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جىنايەتكە زەربە بېرىش بىلەن خەلقنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنى ئىگىلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېپىپ چىقىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر