- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


توردىكى سېرىق مەزمۇننى تازىلاش مەخسۇس ھەرىكىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
2014.04.22 08:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ ئىشخانا سېرىق مەرەزنى تازىلاش قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش تور تازىلاش 2014- مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرغان، ھازىر شەھۋانىي سېرىق تور بېكىتىدىن 110نى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، تۈرلۈك قانۇنغا بەلگىلىمىگە خىلاپ 3300دىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرىنى تاقىغان، مەخسۇس ھەرىكەتتە دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى شەھۋانىي سېرىق تور بېكىتىدىن 110نى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 250 ئارتۇق ئالاقىدار قانال، ستون، مىكرو بىلوگ، بىلوگ، ئۈندىدار، مۇنبەر قاتارلىق 3300دىن ئارتۇق تۈرلۈك ھېسابات نومۇرىنى تاقىغان، ئېلان ئۇلانمىسىدىن 7000دىن كۆپرەكنى، سېرىق ئۇچۇردىن 200 مىڭدىن كۆپرەكنى ئۆچۈرگەن. دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسى ۋە ئاممىنى پائال پاش قىلىپ، شەھۋانىي سېرىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى بىرلىكتە چەكلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىنتېرنېت تورىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزى 24 سائەت ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى 12377.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر