باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسرا قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمە لاھىيەسى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدۇ

2014.04.22 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» يولغا قويۇلغان 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم زور دەرىجىدە تۈزىتىلدى، ئۈچ قېتىم كەسكىن مۇنازىرە قىلىپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، بۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا 4-قېتىم سۇنۇلىدىغان بولدى. ئاشكارىلىنىشىچە، لايىھەدە تۇمان، ئىس-تۈتەكنى تىزگىنلەش ھەققىدە قارار چىقىرىلىدىكەن ھەمدە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش، ئامما قاتنىشىش، مۇھىت ئاممىۋى پاراۋانلىق شىكايەت سۇبيېكتى قاتارلىق جەھەتلەردە زور بۆسۈش بولىدىكەن. مۇھىت ئاسراش قانۇنى يولغا قويۇلغان 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم زور دەرىجىدە تۈزىتىلدى، ئۈچ يىلدا ئۈچ قېتىم قاراپ چىقىلدى، ئىككى قېتىم ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. ھار قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇنازىرىسى ئۈزۈلمىدى. مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇنازىرە خىزمىتىگە ئىزچىل تۈردە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى مۇھىت ئۇچۇرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما جۈن مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشتە ئۇچۇر ئاشكارىلاش ئالدىنقى شەرت، بۇندىن بۇرۇنقى قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا بۇ ھەقتە پىرىنسىپال بەلگىلىمە چىقىرىلدى. 4 –قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا يەنىمۇ تەپسىلىي بولىشىدىن ئۈمىد بار. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مۇھىت بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشتە مۇھىم رولى بار. تۇمان، ئىس-تۈتەكنى تىزگىنلەشنى مىسال قىلساق: رايونلار بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، لېكىن ئۇچۇر بېكىنمە بولۇش رايونلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدىكى توساق بولۇپ قالدى، بۇنى قانۇن جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. نۇرغۇن زىيارەت قىلىنغۇچى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ھازىر جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى، بولۇپمۇ تۇمان، ئىس-تۈتەكنى تىزگىنلەشكە بولغان دىققىتى ۋە بۇ ھەقتىكى سادالىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە، لايىھەنىڭ 4-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا بۇ ھەقتا قاراتمىلىقى بولغان بەلگىلىمە چىقىرىلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر