باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹بوسۇغا›› سىز سۇغۇرتىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2014.04.21 16:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ 16 – ئاپرېل ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش›› پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن پۇقرالارنىڭ شەھەر – بازارلاردىكى بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىنى بەرپا قىلىپ، سۇغۇرتىلانماقچى بولغانلارنىڭ ‹‹بوسۇغا››سىز سۇغۇرتىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرلىرىگە قاتناشقانلار 17 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 22 مىليون 300 مىڭ نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا، يەنە 6 مىليون كىشىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى زۆرۈر ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يۇڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ پىلاننى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن، ھازىر سۇغۇرتىغا قاتناشماقچى بولغان كىشىنىڭ قاتنىشىش ئارزۇسى بولسىلا، باشقا ھېچقانداق شەرت قويماي، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى تۈزۈم ۋە سىياسەتتە تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە ئاجىزلار توپىغا مايىللىشىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ سۇغۇرتىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ھەر قايسى كۆزنەك ئورۇنلار، يېزا – بازارلار مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق، تېز، ۋاقتىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا يەككە تىجارەتچىلەر، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا خادىملىرى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق پۇقرالار توپىغا قارىتا، سۇغۇرتىلىنىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سۇغۇرتىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر