باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا دائىر تۇنجى ئەرزىيەت پونكىتى قۇرۇلدى

2014.04.21 16:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئاپتوموبىل كەسپىي كومىتېتىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى خىزمەت پونكىتى يېقىندا قۇرۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەخسۇس ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئائىت ئەرز – شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تۇنجى خىزمەت پونكىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ خىزمەت پونكىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى ‹‹گۇاڭخۈي›› ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ‹‹گۇاڭخۈي›› ئاپتوموبىل شەھەرچىسى 2013 – يىلى 6 – ئايدا ‹‹95067›› مەخسۇس لىنىيەلىك مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئەرز – شىكايەت قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بۇ مۇلازىمەت مەركىزىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئاپتوموبىل كەسپىي كومىتېتىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى خىزمەت پونكىتىغا ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا دائىر تالاش – تارتىشقا دۇچ كەلسە، ‹‹95067›› گە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال مەلۇم قىلسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر