- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى
2014.04.22 08:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى 21-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمىسى، خامچوت قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمىسى داۋاملىق قاراپ چىقىلدى. سۇ يولى قانۇن لايىھەسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى ئىزاھات لايىھەسىنى سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ، جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە ئىزاھاتىنى قاراپ چىقىشقا سۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «كۆرۈش ئاڭلاش ئويۇن قويۇش بېيجىڭ شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدىلىيە ياردىمى توغرىسىدىكى شەرتنامە» لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر