باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جوڭئۇن خەلقئارا ئۆسمۈرلەر لاگېرىنى كۆزدىن كەچۈردى

2014.04.22 08:27   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

كىم جوڭئۇن خەلقئارا ئۆسمۈرلەر لاگېرىنى كۆزدىن كەچۈردى

  چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»نىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا قۇرۇلۇش تاماملانغان قارىغاي شاۋقۇنى باغچىسى خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئۆمىكىنىڭ لاگېرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سۈرئىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەن. بۇ ۋاقىتتا كىم جوڭئۇن: ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىن كېيىنكى قارىغاي شاۋقۇنى باغچىسى خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئۆمىكى لاگېرىنىڭ قىياپىتى يىپيېڭى بولۇپ ، چاۋشيەندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىلەن دۇنيادىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرلىكتە دالا پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ھەمدە خەلقئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى، دېگەن.

  چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ، مۈشكۈل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا نۇرغۇن ئورۇندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تاماملىغان، كىم جوڭئۇن تىياتىرخانا ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا ، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، خەلقئارا دوستلۇق ئىشخانىسى، ئۆسمۈرلەر ئۆمىكى ئىشخانىسى، گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى، ئىستىرېئولوق كىنوخانا قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە چاۋشيەننىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز