خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل كۇئالا لۇمپۇردىن بەرگەن خەۋىرى: مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندىستاننىڭ بانگالور شەھىرىگە ئۇچىدىغان MH192 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چاقىدىن چاتاق چىققانلىقتىن جىددىي قايتىپ كەلدى ھەمدە 21-چېسلا سەھەردە كۇئالا لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر قوندى.
مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بويىن 737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 20-چېسلا كەچ سائەت 22 دىن 09 مىنۇت ئۆتكەندە كۇئالا لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچقان، ئايروپىلاندا 159 يولۇچى ۋە 7 خىزمەتچى بار ئىدى. ئۇچقان چاغدا ئوڭ چاقى يېرىلىپ كەتكەچكە، ئايروپىلان يېرىم يولدىن قايتىپ كەلدى ھەمدە 21-چېسلا سائەت 1دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە كۇئالا لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر قوندى. (خۇ گۇاڭياۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى