باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ ياخشى ئاساسىي قاتلام كادىرى يۈ خەيخې

2014.04.22 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى باۋچىڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە يېزا ئىگىلىكى باغۋەنچىلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ خەيخې باشتىن-ئاخىر دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ، پاك دىيانەتلىك بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. ئۆتكەن يىلى 6-نويابىر 51 ياشلىق يۈ خەيخې كېسەل سەۋەبلىك بەختكە قارشى قازا قىلدى. 2 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئۆزلۈكىدىن ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويدى. باۋچىڭ ناھىيەسى چىشىڭباۋ بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسى ئىشخانىسىدا ھازىرغىچە يۈ خەيخې 6 يىل ئولتۇرغان ئورۇندۇق ساقلاپ قېلىندى، ئۇنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ يېنى يالىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ چىشىڭباۋ بازىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلغان.

  ئەينى ۋاقىتتا چىشىڭباۋ بازىرى پۈتۈن ناھىيەدىكى ئىقتىسادى ئەڭ ناچار، قەرزى ئەڭ كۆپ بازار ئىدى. يۈ خەيخې ۋەزىپە ئۆتىگەندە پۈتۈن بازارنىڭ قەرزى يۈز مىليون يۈەن ئارتۇق ئىدى، ھەر كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەتكە كېلىپ ئەرز قىلىدىغان، قەرز سۈيلەشكە كەلگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.

  يۈ خەيخې ھەر بىر كىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، يەنە ئۇلارغا ۋەدە بەردى، يانفونىنى 24 سائەت ئوچۇق قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مەسىلىسىنى ھەر ۋاقىت بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ ھەر بىر ئەرزنى قوبۇل قىلغاندا ھەر ۋاقىت مېنى ئىزدەڭ، مەنمۇ دېھقان بالىسى دېگەن گەپنى تۇنجى بولۇپ دەيتتى.

  2011-يىلى يۈ خەيخې ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى، ماياك كەنتىنىڭ پۇقرالىرى ساختا ئۇرۇقلۇق سېتىۋېلىپ، 3 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرىدىكى زىرائەت زىيانغا ئۇچرىدى، كەنت ئاھالىلىرى يەنە كېلىپ يۈ خەېخېنى ئىزدىدى. ئۇ دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلىشىغا ياردەم بەردى. يەتتە كەنتنى ئارىلاپ يۈرۈپ سۆرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ ئىسپات يىغدى، كۆپ قېتىم 500 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى خاربىنغا بېرىپ، ئادۋوكات ئىزدەپ ئەدلىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتتى. بىر يىل 4 ئاي تىرىشىش، ئۈچ قېتىم سوت قىلىش ئارقىلىق ئەرزدە ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقتى، 42 دېھقان ئائىلىسى 1 مىليون 240 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ئالدى. ئىش بولسا يۈ خەيخېنى ئىزدەش دېگەن ئاددىي سۆزنىڭ مۇنداق ئىككى مەنىسى بار. بىرى، ئىشەنچ، يەنە بىرى مەسئۇلىيەت. ئامما ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكتىن ئۇ يۆلەنچۈككە ئايلاندى، يۈخەيخۇنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بولغانلىقى، دېھقانلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى، خەلق ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئامما ئۇنىغا ئىشەندى. يۈ خەيخې ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە دېھقانلارنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇ دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى 1-ئورۇنغا قويدى، قولىدىكى ھوقۇقنى ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىشقا ئىشلەتتى، بۇ يۈ خەيخۇنىڭ ئېتىقادى، شۇنداقلا ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەڭ ئېنىق بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ھوقۇقنىڭ قىممىتىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىگە ئېنىق جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر