باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

2014.04.21 10:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 17 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تيەنجىندە ئاچقان ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2014 – يىللىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا، پارتىيە ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىشقا يۆتكەش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  يېزا ۋە مەھەللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىز، تارقاق ھالىتىنى نۇقتىلىق تۈزەش كېرەك

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىز، تارقاق بولۇش ئەھۋالى تەرتىپكە سېلىنىدۇ، بەزى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىز، تارقاق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىشكە قويغان تەلىپى، شۇنداقلا 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە تەخىرسىز ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايون بۇ يىل نۇقتىلىق يېزا ۋە مەھەللىلەرنى تەرتىپكە سالىدۇ. يىغىندا جايلار ئالدىنقى باسقۇچتىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى ئىگىلەش ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئارقىدا قالغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ھەقىقىي تەرتىپكە سېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە مۇشتۇمزورلارنىڭ كاشىلا قىلىشى، سىڭىپ كىرىشى ئېغىر بولغان، كەنت، ئاھالە، مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇش قالايمىقان بولغان، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش مەسىلىسى ۋە ئەرزىيەت، زىددىيەت – ماجىرالار مەركەزلەشكەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى. يېزىلاردا كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ كادىرلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتىپ، ئامما ۋە كوللېكتىپنى بېيىتىشى ئارقىسىدا يېزا كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ بوش قېلىش، ئورۇنلارنىڭ بوش تۇرۇپ قېلىش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ؛ مەھەللىلەردە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹‹ئۈچنى نۇقتىلىق›› كېڭەيتىش، قاپلاش، گەۋدىلەندۈرۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹‹ئۈچنى نۇقتىلىق›› كېڭەيتىش، قاپلاش، گەۋدىلەندۈرۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ: بىرىنچى، نۇقتىلىق رايونلار، ئاساسلىقى، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان رايونلار، چەت يېزا، كەنتلەر، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالىلەر نۇقتىلىرى، كۆچمە نوپۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولۇپ، بۇلار مەھەللىگە ئۆزگەرتىلگەن كەنتلەر، يېڭىدىن قۇرۇلغان مەھەللىلەر، تۈرلۈك ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاساسلىقى، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدە بولمىغان كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۈچىنچى، نۇقتىلىق كەسىپلەر، ئاساسلىقى، ۋېرتىكال باشقۇرۇلىدىغان ئىدارە ۋە كۆزنەك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن: تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تارماقلىرى ھەم يېزا – بازارلاردىكى يەتتە ‹‹پونكىت››، سەككىز ‹‹خانا›› قاتارلىقلار.

  كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ‹‹تۆت تۈرلۈك›› ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ‹‹تۆت تۈرلۈك›› ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. بىرىنچى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قورۇقتام قۇرۇلۇشى. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قورۇقتام سېلىنمىغان پائالىيەت سورۇنلىرىنى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى تام سېلىپ پۈتكۈزۈش؛ ئىككىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا ئوبوروت ئۆيى سېلىش. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر بىر كەنتكە بەش ئېغىزدىن يەتتە ئېغىزغىچە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار تۇرىدىغان ئوبوروت ئۆيى سېلىش، بۇنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاش كېرەك. باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلار كەنتكە چۈشكەن كادىرلار تۇرىدىغان ئوبوروت ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئاپتونوم رايون مەلۇم دەرىجىدە قوللايدۇ؛ ئۈچىنچى، كەنت ئاشخانىسى قۇرۇش. كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئوبوروت ئۆيى بىلەن بىللە كەنت ئاشخانىسى قۇرۇش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئاساسلىقى كەنتكە چۈشكەن كادىرلار، كەنت كادىرلىرى، كەنت ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار خىزمەت ۋاقتى ۋە نۆۋەتچىلىك مەزگىلىدە غىزالىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. تۆتىنچى، دېھقانلار مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش، بۇ ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئىزچىل تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلىدۇ.

  پارتىيە ۋەكىللىرىنى قارار چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايون يېزا – بازارلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىللىق يىغىنى تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي خىزمەت تۈزۈمىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ، ئاساسلىقى، پارتىيە ۋەكىللىرىنى قارار چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتىيە ۋەكىللىرى پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئومۇمىي يىغىنلارغا سىرتتىن قاتناشتۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ. يىلدا پارتىيە ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، بىر قانچە قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرى ئىنكاس قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرىدا پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ئۇلار يىغىن قارالمىلىرى ياكى تەكشۈرۈش تېمىلىرى توغرىسىدا ئەقىل كۆرسىتىشكە قاتناشتۇرۇلىدۇ؛ پارتىيە ۋەكىللىرىنى نازارەت قىلىشقا، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پارتىيە ۋەكىللىرىنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە قاتناشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت ئورنى، كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت زالى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، پارتىيە ۋەكىللىرى خىزمەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك سۇپا ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر