باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2014.04.22 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 21-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ۋۇچاڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خۇبېي ئۆلكىلىك شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋەكىللىرىنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگرامما مەركىزىنىڭ «شەرق غەرب ھەمكارلىقى. ئورتاق تەرەققىيات» زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرگە خۇبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەش ئەھۋالى توغرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرشىقا تەكلىپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىسى مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، قىرىنداش بولۇش، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇش، ئىتتىپاقلىق، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى زورايىتتى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن مەبلەغ بىر مىليارد 169مىليون يۈەن بولۇپ، ياردەم بېرىش تۈرىدىن 199نى تاماملىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىردىن 454نى تاللاپ ئەۋەتتى. شىزاڭغا ياردەم بەرگەن 20 يىلدىن بۇيان، 656 كادىرنى ئەۋەتتى، 410تۈرنى تاماملىدى، 1مىليارد 400مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى. مەركەزنىڭ روھىغا ئاساسەن، خۇبېي ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بورتالا مۇڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى، يېزا ئىگىلىك 5-دىۋىزىيىسى، شىزاڭنىڭ شەننەن ۋىلايىتىگە ياردەم بېرىشكە مەسئۇل بولغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇلى مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ يوليورۇق بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن ھەمدە 19 ئۆلكە شەھەردە تونۇشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك يىغىندا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر