باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىزدەش يوللىرىنى كۆپەيتتى

«سېۋول» ناملىق پاراخوتنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈشكە چاقىرتىلدى

2014.04.21 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋەن يۈ خەۋىرى؛ 20-چېسلا، «سېۋول» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەنلىكىگە بەش كۈن بولدى. كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار «سېۋول» ناملىق پاراخوتتىن قازا تاپقانلارنىڭ جەسىتىنى داۋاملىق سۈزۈۋېتىپتۇ. 20-چېسلا سائەت 21 گىچە، ھادىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 58 يەتكەن، يەنە 244 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 4 جۇڭگولۇق بار ئىكەن.

  كورېيە دېڭىز-ئوكيان ساقچى ۋازارىتى20-چېسلا قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ پاراخوتقا تارتىلغان ئارغامچىنى بويلاپ پاراخوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىزدەش لىنىيەسىنى 5 كە كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  مۇخبىر ئەتىگەندىلا ھادىسە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىغا ئەڭ يېقىن بولغان جېندو ۋىلايىتىنىڭ پېڭۋۇدكوڭ پورتىغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىنىڭ ناھايىتى جىمجىت ئىكەنلىكىنى كۆردى. گەرچە بۈگۈن ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق بولسىمۇ، لېكىن چۈشتىن بۇرۇنقى سوغۇق دېڭىز شامىلى كىشىنى شۈركۈندۈرىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر