باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى سەككىز دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ

2014.04.22 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دېڭىزدىكى ھەمكارلىق-2014» بەلگىلىك كۆپ دۆلەتنىڭ دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يېقىندا چىڭداۋغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مانېۋىر دېڭىزدىكى بىرلىشىپ ئاختۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو، پاكىستان، ھىندونوزىيە، سىنگاپور، ھىندىستان، مالايسىيا، بېنگال، بىرۇنېي قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراخوتى، پاراخوت تىك ئۇچارى ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە قىسىملىرى بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لىياڭ ياڭ 20-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆپ دۆلەتنىڭ دېڭىزدا بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى- جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بىرلەشمە مانېۋىر پائالىيىتى شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىللىق يىغىن ئۆتكۈزگەن چاغدىكى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. لىياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىر مۇنبەر رامكىسىدىكى پائالىيەت بولماستىن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى پائالىيىتى. شۇڭلاشقا، جۇڭگو مۇنبەرگە ئەزا دۆلەتلەرنى شۇنداقلا مۇنبەرگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلدى.

  لىياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ھەممىگە مەلۇم، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قوللانغان بىر يۈرۈش خاتا ئۇسۇللار جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆڭلىگە شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ھازىرقى ئەھۋالدا ياپونىيەنىڭ دېڭىزدا قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر