مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندىستان بانگالورغا قاراپ ئۇچقان MH192 تىپلىق ئايروپىلانىدا 21-ئاپرېل سەھەردە كاشلا كۆرۈلگەنلىكتىن، كۇئالا لۇمپۇر ئايرودرومىغا قايتقان.
مالايسىيە تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 159 نەپەر يولۇچى ۋە يەتتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى ئولتۇرغان بوئىن 737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 20-ئاپرېل كەچ سائەت 22:09 دا كۇئالا لومپور ئايرودرومىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي كاشلا كۆرۈلگەنلىكى بايقىلىپ، 21-ئاپرېل سائەت 1:56 دە كۇئالا لۇمپۇر ئايرودۇرۇمىغا قونغان.
ئىگىلىنىشىچە، مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭMH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، مالايسىيەنىڭ يەنە ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىدا كاشلا كۆرۈلگەن. 23-مارت كورىيە سىئولغا قاراپ ئۇچقانMH66 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئاساسىي گېنېراتورىدا كاشلا كۆرۈلۈپ، 24-مارت جۇڭگو شياڭگاڭ ئايرودرومىغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.