- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۇنيا سودا تەشكىلاتى سىرەك ماجراسى دىلوسىنىڭ «بىرىنچى سوتى»دا جۇڭگو يېڭىلىپ قالدى
2014.03.27 20:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-مارت دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ سىرەك، ۋولفىرام، مولبىدىنغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا قارىتا قوللانغان ئېكىسپورت تاموژنا بېجى، نورمىلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ دەپ كېسىم قىلدى. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىكى شەرتنامە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ئىش ئۈستىدە توختىلىپ،جۇڭگو تەرەپ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كېسىم قارارى دوكلاتىنى باھالاۋاتىدۇ ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ماجرانى ھەل قىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك قالدۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ، دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر