باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇش پىكرى» چىقىرىلدى

2014.03.14 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا «مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى چىقىرىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى بىلەن ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويۇپ، 2020-يىلىغىچە، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتىدىكى ئىلغار كەسىپلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن ئەتراپلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەدە بىر تۇتاش تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى ئاساسەن ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پىكىردە، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق بۆسۈش ياساش، بازار يېتەكچى بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، پەن-تېخنىكا بىلەن قوللاشنى ئاساس قىلىش تۈپ پىرىنسىپى بويىچە، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى بىلەن جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى، بىناكارلىق، ئۇچۇرچىلىق، ساياھەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكى ۋە تەنتەربىيە كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، كونكرېت تەلەپلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، پىكىردە بىر يۈرۈش يۆلەش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم جايلار، تارماقلاردىن تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس پىلان ياكى ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ھۆججەت چىقىرىپ، تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر