باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇ جىبىن: مېيىپ بوۋاقلار قوغدىلىشى كېرەك

2014.03.14 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى خۇ جىبىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا، بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەردە سىناق تەرىقىسىدە ‹‹بوۋاقلار بىخەتەرلىك ئارىلى›› قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مېيىپ بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ پاناھلاندۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مېيىپ بوۋاقلارنى مۇقىم تۈزۈم ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى، پۈتكۈل جەمئىيەتنى مېيىپ بالىلار بار ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى، ئاتا – ئانىلارنىڭ مېيىپ بالىلارنى تاشلىۋېتىش ئەھۋالىنى ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە بوۋاقلارنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشتى. ئەزا خۇ جىبىن مۇنداق دېدى: بوۋاقلارنىڭ ئەيىبناق تۇغۇلۇشى ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھىي يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. كۆپلىگەن ئائىلىلەر داۋالىتىش، تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، داۋالىتىشتىن ۋاز كېچىپ، بالىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، دۆلەتنىڭ مېيىپ بالىلار بار ئائىلىلەرنى دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئاساسىدا، بېقىش خىراجىتى ياردەم پۇلىنى تولۇق بېرىشىنى، رايونلارنىڭ مال باھا سەۋىيەسىگە ئاساسەن، بېقىش خىراجىتى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىشىنى، مېيىپ بالىلارنى دۆلەتنىڭ ئۆمۈرلۈك بېقىش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  ‹‹دۆلەت يەنە مېيىپ بالىلارنى داۋالىتىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، داۋالىنىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق مېيىپ بالىلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇلارنى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ياردىمىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك››، دېدى ئەزا خۇ جىبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر