باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما جيەنتاڭ 1-، 2-ئايلىق ئىقتىساد مەلۇماتى كۆرسەتكەن خىرىسقا ئىزاھات بەردى

2014.03.14 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13-مارت ئېلان قىلغان 1-، 2-ئايلىق ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى خەلق ئىگىلىكىدە مۇقىملىق ئىچىدە سەل ئاستىلاش ئەھۋالى پەيدا بولغان. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىي تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا بىۋاسىتە دۇچ كەلدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇردى، باشلىنىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

  ما جيەنتاڭ بۇنىڭغا مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئىزاھات بەردى: بىرىنچىدىن، 1-، 2-ئايدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ كۆپ قىسىم سانلىق مەلۇماتى %10 تىن يۇقىرى بولدى. ئىككىنچىدىن، 1-، 2-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى بىر قەدەر مۇقىم سەۋىيەدە تۇرۇپ كەلدى، بىر قىسىم جايلار ۋە كەسىپلەردە يەنىلا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش ئەھۋالى ساقلانماقتا. ئۈچىنچىدىن، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىمۇ يېڭى يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى.

  ما جيەنتاڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە سەل ئاستىلاش ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز دېگەن مەسىلىدە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يەر شارى ئىقتىسادىي مۇھىتىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى-مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ خىرىسىنى داۋاملىق يەڭگەن ئاساستا قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى مۆلچەردىكىدىن ئاستا بولدى، جانلىنىش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدىن مۇرەككەپ بولدى، بىر قىسىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، مال باھاسى ئۆرلىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى ئېكسپورت ئەھۋالى ياخشى بولمىدى. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى ئاشۇرۇش-مۇرەككەپ، كەسكىن خىرىسنى يېڭىش ئاساسىدا قولغا كەلتۈرۈلدى. ئېشىش سۈرئىتىنىڭ خوت ئالماشتۇرۇش مەزگىلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئازابلىق مەزگىلى، سىياسەتنىڭ ئۆزلىشىش مەزگىلىدىكى قاتلىنىشنىڭ تەسىرىدە، تۆۋەنلەشنىڭ پەيدا بولۇشى قۇرۇلمىلىق تەڭشەشنىڭ بىر باسقۇچى، بۇ نورمال ئۆزگىرىش.

  ما جيەنتاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئەندىزىسى ئۆزگەرمىدى، ئەمدىلا يېپىلغان ئىككى يىغىندىمۇ بىر يۈرۈش ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات سىگنالى چىقىرىلدى، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كەلگەن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئەگىشىپ، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشاننى ئورۇنلاشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر