باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەرب ئەللىرى رۇسىيگە جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن

2014.03.14 17:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا پارلامېنتى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، مىللىي گۋاردىيە تەشكىللەشنى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش فاڭجېنىنى قايتىدىن جەزىملەشتۈرۈشنى قارار قىلدى. رۇسىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى پالاتا 12-مارت، ئۇكرائىنا قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، قىرىمغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قۇيۇشنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 12-مارت مۇنداق دېدى: قىرىم پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قۇيۇشقا ئالاقىدار قارار خانۇنغا خىلاپ، شۇڭا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇقېتىمقى ئاۋازغا قۇيۇشنى نازارەت قىلىشقا خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنى تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن قىرىمغا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، شۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىگە باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 12-مارت، قىرىمنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىغا ئاۋازغا قويۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركىل تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئتتىپاقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا داۋاملىق ئۇرۇنىدۇ، ئەگەر رۇسىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتمىسە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېغىر جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ جازالار ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن رۇسىيەگە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيان سالىدۇ، دېدى.

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن، ئۇكرائىنانىڭ كىرىزىسى بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى كىرىزىسى، رۇسىيە بۇ جەرياندا ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدى، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر