باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە تەخمىنەن 116 مىڭ بالا ‹‹شېكەر كۇمىلىچى›› يەيدۇ

2014.03.14 17:10   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۈرۈمچىدە تەخمىنەن 116 مىڭ بالا ‹‹شېكەر كۇمىلىچى›› يەيدۇ

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ياۋا ۋىرۇسى تارقىلىشىنى ئۈزۈل-كېسىل توسۇش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 3–ئايدىن 4–ئايغىچە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئىككى قېتىم يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى كۈچەيتىپ ئەملەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان .

  مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ مەزگىلدە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بولغان (2010–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلار ۋە ئىككى ئايلىق بوۋاقلار) 116 مىڭ بالىغا ۋاكسىنا ئەملىنىدىغان بولۇپ ، تۇرۇشلۇق ئورنى ، تۇغۇلغان جايى ، ئىلگىرىكى ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىكەن . قىزىش ، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن بالىلار تىزىملىنىپ مۇۋاپىق پەيتتە تولۇقلاپ ئەملىنىدىكەن . 1–قېتىمدا : 2014–يىل 3–ئاينىڭ 12–كۈنىدىن 14–كۈنىگىچە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەملىنىدىكەن ، 2014– يىل 3–ئاينىڭ 15–كۈنىدىن 16–كۈنىگىچە تەكشۈرۈپ قېپقالغانلىرىغا ئەملىنىدىكەن ؛ 2–قېتىمدا: 2014–يىل 4– ئاينىڭ 16–كۈنىدىن 18–كۈنىگىچە مەركەزلىك ئەملىنىدىكەن ، 2014–يىل 4–ئاينىڭ 19–كۈنىدىن 20–كۈنىگىچە تەكشۈرۈپ قېپقالغانلىرىغا ئەملىنىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
    ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
    ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
    ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
    ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
    ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
    ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…