باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق گۇمانلىق بويۇم بايقالمىدى

2014.03.14 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيەنىڭ مۇۋەققەت قاتناش مىنىستىرى ھىسامىدىن تۈنۈگۈن تاراتقۇلار بەرگەن MH370-نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق 4 سائەت ئۇچقان دېگەنگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، مالايسىيە ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرمىدى، دېدى. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ بىرلەشمە ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، لېكىن ھازىرغىچە بۇ ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق بويۇملار تېپىلمىدى.

  جۇڭگو دېڭىزدا ئىزدەش، قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگونىڭ 5 تىك ئۇچار سەپلەنگەن 8 پاراخوتى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلان يوقاپ كەتكەن دەپ گۇمانلىنىۋاتقان دېڭىز رايونىدا داۋاملىق ئايروپىلاننى ئىزدەۋېتىپتۇ، 13-مارت چۈش سائەت 12گىچە، جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئالاقىدار رايوندا ئۈزلۈكسىز 100 سائەت خىزمەت قىلغان، 45 مىڭ 736 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايوننى ئىزدەپ بولغان، لېكىن بۇ ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق گۇمانلىق بويۇملار تېپىلمىغان.

  ۋېيېتنام دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئۇچۇشنى باشقۇرۇش باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام 5 ئايروپىلان، 7 پاراخوت، سىنگاپور، مالايسىيە قاتارلىق

  دۆلەتلەرمۇ ئايروپىلان چىقىرىپ جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمراھى بايقىغان گۇمانلىق بويۇم بايقالغان دېڭىز رايونىنى ئىزدىدى، لېكىن بۇ ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بويۇم بايقالمىدى. ۋىيېتنام دۆلەتلىك ئىزدەش، قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇشىجەن مۇنداق دېدى: بىز مالايسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋالدۇق، ئۇلار بىزنىڭ مالايسىيە تەرەپتىكى دېڭىز رايونىدا يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدەش مەزگىلىدە ئالاقىسى ياخشى بولدى، ۋىيېنام جۇڭگوغا ياخشى ماسلاشتى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، بىز جۇڭگو بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر