باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور ئەھلىنىڭ ئىككى يىغىن ھەققىدىكى يۈرەك ساداسى

2014.03.14 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن رەسمىي ئاياغلاشتى، يىغىن جەريانىدا ۋەكىل، ئەزالار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈستىدە توختالدى، يىغىن سىرتىدا بولسا پۇقرالار تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  ئالدى بىلەن بەيدۇ كۆرسەتكۈچى توپلىغان ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن كېيىنكى تېمىلارنىڭ سانى ئەڭ تېز ئاشقان ئالدىنقى ئونىغا قاراپ باقساق، ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش، ئۆي مۈلۈك بېجى، مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۈتۈنۈش پۇلىنى بىر يولغا چۈشۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى، ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى، تۇمان-توزانلىق ھاۋا رايى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئىنتېر تورى پۇل مۇئامىلىسى، ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى قويۇۋېتىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش، ئۆي مۈلۈك بېجى، مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈشنىڭ ئېشىش نىسبىتى %1000 كە يەتتى، بۇنىڭدىن ئىككى يىغىندىن تارقالغان يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ تور ئەھلى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغان يارقىن نۇقتىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھوقۇق ئىشلىتىش، تەلەپچان بولۇشنى چىڭىتىش، ئىش پىلانلاش، ئىگىلىك تىكلەش، ئادەم بولۇشتا ئەمەلىي بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ دەرھال تور ئەھلى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. يىزەنپۇ چوڭ سانلىق مەلۇمات شىركىتىنىڭ تەھلىلىدىن قارىغاندا، 10-مارتقىچە، توردا كۆرۈش نىسبىتى داۋاملىق ئاشقان، 10-مارت توردا كۆرگەنلەر 743 مىڭ 328 كە يەتكەن.

  41.1% تور ئەھلى مەيلى كارخانا باشقۇرۇش بولسۇن، مەيلى ئادىمىيلىك تەربىيەلىنىشى بولسۇن، ھەممىسىدە ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ھەقىقىي ئادەم بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك دەپ قارىدى. %31.2 تور ئەھلى ھۆكۈمەت ناچار خىزمەت ئىستىلىنى تۈزىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك دەپ قارىدى.

  جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان دىققەت دەرىجىسى 9-مارت ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى، %60 كە يېقىن ئادەم جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن شەخسىي ئارزۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. %19.37 ئادەم جۇڭگو ئارزۇسى ئىشقا ئاشقاندا، شەخسىي ئارزۇمۇ تەبىئىيلا ئىشقا ئاشىدۇ دەپ قارىدى.

  بۇندىن باشقا، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇزاكىرە قىلىشمۇ قىزىق نۇقتا قاتارىغا كىردى، ئەگرى سىزىقلىق جەدۋەلدىن قارىغاندا، يادرولۇق قىممەت قارىشىغا دىققەت قىلىش دەرىجىسى 1-مارتتىن تارتىپ داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، 2-مارتتىن 6-مارتقىچە، داۋاملىق ئىككى خانلىق ساننى ساقلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر