باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

2014.03.14 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈلۈشكۈن « خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب »نى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى 10 تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەر يىلى قاراپ چىققان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر ھەق تەلەپ دېلوسى 2010-يىلدىكى 112779دىن كۆپىيىپ 2013-يىلى 128198 گە يەتكەن، دېلو تۈرى توختام ماجىراسى ۋە ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش ماجىراسىدىن ئىبارەت 20 نەچچە خىل دېلونى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  ئاق تاشلىق كىتاب خەنزۇچە خەت ھېسابىدا جەمئىي 10 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتى ماجىراسىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك دېلولارنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى سىستېمىلىق يەكۈنلەنگەن، ئاقتاشلىق كىتاب ئاساسلىقى ئەدلىيەنى ئادىل يۈرگۈزۈپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈپ، ئامما دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتتە ئىستېمال تەلىپىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەدلىيە ھۆكۈمى ئۆلچىمىنى كۈچەپ قېلىپلاشتۇرۇش دەپ 4 قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا ئايان بولىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىستېمالچىلاردىن ھەق تەلەپ داۋاسى قانۇنى بويىچە ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتۇرغان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىققان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك دېلولار 482545 گە ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل 11 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر