- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇششاق تاۋار توپ تارقىتىش بازىرىدا ئاسما كالېندار ۋە تەبرىك ئاتكىرتكىسىنىڭ بازىرى كاساتلاشتى
2014.01.02 16:15 مەنبە: خەلق تورى
پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچى بولدى، بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلارمۇ زاكازنى ئەمەلدىن قالدۇردى
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىر ئۈندىداردا كالېندار تەلەپ قىلغاندا، چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلارمۇ «ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى. مەزكۈر ساھەگە مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلار: بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاسما كالىندار ۋە ئۈستەل كالېندارلىرىنى سوۋغا قىلاتتى، بۇ يىل ھېچبىر شەپە يوق، دېيىشتى. مۇخبىر چېڭدۇنىڭ خۇڭشىڭ كوچىسىدىكى بىر باسما دۇكىنىنى زىيارەت قىلىپ، سوۋغاتلىق كالېندار ياساس ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەندە، غوجايىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىللاردا كالېندار ياسىتىدىغان ئىدارە-ئورگانلار كۆپ ئىدى، بۇ يىل ئاساسەن يوق.
ھۆكۈمەت ماشىنىسى ۋە ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش ئازايدى، ئالىي مېھمانخانا، شەخسىي ئارامخانا، ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ
يېڭى يىل مەزگىلىدە، مۇخبىر شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى بىر قانچە چوڭ مېھمانخانىلاردا ئاساسەن ئائىلە يىغىلىشى ياكى دوستلار ئولتۇرۇشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى، مېھمانخانا ئالدىدا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر