باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ «ئاشكارىلاش سەھنىسى» سەھىپىسىدە 517 مەسىلە ئېلان قىلىندى

2014.01.02 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىدن ئىگىلىشىچە، ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچىتىش ۋە تەربىيە بېرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2013-يىلىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، مەخسۇس «ئاشكارىلاش سەھنىسى» سەھىپىسى تەسىس قىلغان. ھازىرغىچە، جەمئىي 86 قېتىم ئۇچۇر ئېلان قىلىنىپ، ھەرقايسى رايون، تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش تىپىك مەسىلىسى ۋە دىلو مىسالىدىن 517سى ئېلان قىلىنغان، ھەقىقى نامى بىلەن ئېلان قىلىش يۆنىلىشكە ئايلانغان.

  «ئاشكارىلاش سەھنىسى» سەھىپىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاممىغا ئاشكارىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچىتىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، بەلكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش، 4 شامال مەسىلىسىنى ھەقىقى ھەل قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىن ئاشۇردى.

  يېقىندا تور بېكىتى «ئاشكارىلاش سەھنىسى» سەھىپىسىنىڭ بېتىنى ئۆزگەرتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، شۇنداقلا شىنجياڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىلىرىىڭ مەلۇماتىنى تۈرلەر بويىچە كورسىتىپ بەردى. ئالاقىدار تۈر مۇندەرىجىسى چېكىلسىلا، مۇناسىپ مەلۇماتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر