- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېيجىڭدا 70 كۈنگىچە ھۆل ـ يىغىن ياغمىدى، يەكشەنبە ۋە كېلەر چارشەنبىگىچە تۇنجى قار يېغىشى مۇمكىن
2014.01.02 13:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن ب ېرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قىش پەسىلى ناھايىتى ئىللىق بولۇۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن، بېيجىڭدا يۇقىرى تېمپىراتۇرا 12.8 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىپ، 1951-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ھاۋا رايى خاتىرىلىرىدىكى ئەڭ ئىللىق يېڭى يىل بولۇپ قالدى. تۈنۈگۈن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپىراتۇرا ھاۋا رايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۈن بولۇپ، 2014-يىللىق يېڭى يىل ئەڭ ئىللىق يېڭى يىل بولۇپ قالدى. بىراق، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 5-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە، ئوتتۇرا ـ شەرق رايونلاردا كەڭ دائىرىلىك قار ـ يامغۇرلۇق ۋە بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، بېيجىڭدا قىش كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قار ياغىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر