باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىدە جايلار ھەرىكەتكە كەلدى

2013.06.27 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-ئىيۇن-خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى،«زەھەر ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى يېڭى ھۇزۇرغا ئايلانسۇن» ئۇنىڭ بۇ يىللىق باش تېمىسى بولدى. شۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تۈرلۈك تەشۋىقىي-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتنى قەدىرلەشنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالدى.

  خۇنەن چاڭشا زەھەر چەكلەش تەربىيە بازىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك زەھەر تەجرىبىخانىسى 26-ئىيۇن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق سورۇنى بولغان بۇ بازا ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاددىي پۇقرالارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. خۇنەن ئۆلكىلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى، چاڭشا شەھەرلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى يەنە چاڭشانىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى تەشۋىقات نۇقتىلىرىدا 26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پاش قىلغان ئالاھىدە ئېغىر زەھەر جىنايى دېلولىرى، مەھەللە زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار مەھەللە، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخسلەرنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلدى.

  گۇاڭشى زەھەردىن ساقلىنىش تەربىيەسىدە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپىنى قۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى، گۇاڭشى مۇھاجىرلار مەكتىپى نەق مەيدانىدا، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ياش-ئۆسمۈر زەھەر چەكلەش پىدائىيسى خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كەلدى. باشلىنىش مۇراسىمىدا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ شيوڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك زەھەر چەكلەش، مائارىپ تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر زەھەردىن ساقلىنىش تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، قېلىپلىقى، ئۇزاق ئۈنۈملۈكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەردىن ساقلىنىش تەربىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئوقۇغۇچىلار زەھەر چەكمەسلىك، مەكتەپلەردە زەھەر بولماسلىق» نىشانىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شىزاڭ 2010-يىلى 6-ئايدىن بۇيان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قولغا چۈشۈرگەن تۈرلۈك زەھەر ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇمدىن 1055 كىلوگرام 170 گىرامنى مەركەزلىك كۆرسەتتى ھەم كۆيدۈردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىزاڭنىڭ زەھەر چەكلەشتىكى ئوبراز ئەلچىسى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تاغقا چىقىش ماھىرى جىجى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى باشلاپ زەھەر چەكلەش قەسىمى بەردى. شىزاڭنىڭ زەھەر چەكلەشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىسپات ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى يەنە شىزاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى، 1- دەرىجىلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ماددىي ئىسپاتنى باھالاش تارماقلىرىغا زەھەر چەكلەش ماشىنىسى، زەھەر تەجرىبىخانا ئۈسكۈنىسى، زەھەر چەكلەشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىسپات ئېلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق قىممىتى يەتتە مىليون 820 مىڭ يۈەن كېلىدىغان جابدۇقلارنى سەپلەپ بەردى.

  يۈننەن ئۆلكىسى 5-مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنى 26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنى بۇ ئورۇننىڭ ئېچىۋېتىلگەن كۈنى قىلدى، مەجبۇرىي زەھەر تاشلىتىلغان 20 نەچچە كىشىنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە