باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توغرا ئۇچۇرلار ئارقىلىق «پۇل مۇئامىلە ئىشەنچى»نى مۇستەھكەملەيلى

2013.06.26 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشى كۈچىيىپ، بازاردا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم يالغان خەۋەرلەر تارقالدى، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  20-چېسلا چۈشتىن كېيىن، بىر تور تاراتقۇسىدا مەلۇم بىر بانكىدا مەبلەغكە خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، مەركىزىي بانكىدىن جىددىي مەبلەغ كىرگۈزگەن دېگەن خەۋەر تارقالغان. ئارقىدىن بۇ خەۋەر تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، نۇرغۇن ئالاقىزادىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئالاقىدار بانكا تېزلىكتە رەددىيە بېرىپ، ۋەقەنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى، يەنە بىر بانكا IT سىستېمىسىنى يېڭىلاش سەۋەبىدىن، قىسمەن تور ئابۇنتلىرىنىڭ تىجارەت بېجىرىشى ئاستىلاپ قالغاچقا، بەزى خېرىدارلار ئەنسىرەپ قالغان.

  يالغان خەۋەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىنىڭ بازار ۋە پىسخىك ئاساسى بار دېيىشكە بولىدۇ. يېقىندا بانكا سىستېمىسىنىڭ يۆتكەلمە باشقۇرۇشىدا يۈز بەرگەن يېڭى ئەھۋاللار يۇقىردا ئېيتىلغان «مەبلەغكە خىلاپلىق قىلىش» ئەھۋالىدۇر؛ «پۇل قەھەتچىلىكى» سۆزى بازارلارنى قاپلاپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ نېرۋىسىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ تەڭپۇڭ يۈرۈشىشى پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۈرلۈك خەۋەرلەرنىڭ توغرا تارقىلىشى ئىشەنچنىڭ مۇھىم مەنبەسىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە