باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشىدىكى پەۋقۇلئادە زور «يۇندا ماي» دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ جاۋابكارغا 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2013.06.26 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن شىئەندىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا، شىئەن شەھىرى شىنچېڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسزلىك مىنىستىرلىقى باش بولۇپ بېجىرگەن شەنشىدىكى پەۋقۇلئادە زور «يۇندا ماي» ياساپ سېتىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. جاۋابكار لى گۇاڭشىڭغا 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھەم 300مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، جاۋابكار سۈن باۋچېڭغا بىر يىل بەش ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى.

  خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىرىش ئارقىلىق جاۋابكار لى گۇاڭشىڭ قاتارلىقلارنىڭ 2006-يىلى 6-ئايدا شەنشى گۇفىڭ ئاشلىق ماي سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغانلىقىنى، لى گۇاڭشىڭنىڭ قانۇنىي ۋەكىل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. 2011-يىلى 3-ئايدىن 6-ئايغىچە لى گۇاڭشىڭ ئالدى-كەينى بولۇپ شەندۇڭ جىنەندىكى نەنگېلىن بىيو چەكلىك شىركىتىدىكى ليۇ لىگودىن ئاشخانىدىن چىققان كېرەكسىز ئەخلەت، تاشلاندۇق ماي قاتارلىق غەيرىي يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن پىششىقلاپ ئىشلەپ «يۇندا ماي» ياساپ چىققان، جەمئىي 164.32 توننا ، راسخوتى 1 مىليون 320مىڭ يۈەن بولغان. كېيىن لى گۇاڭشىڭ ئۆز ئالدىغا تەڭشەش نىسبىتىنى بەلگىلەپ سېتىۋالغان «يۇندا ماي» بىلەن يېمەكلىك مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلاپ ئاشلىق ماي بازىرىدا ساتقان. (جياڭ فېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە