- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى بەش ئايدا 100 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى
2013.06.25 16:30 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈرى ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تۈرى ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تۈرى ، ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشتا ئاپتونوم رايون ئالدىنقى بەش ئايدا 100 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى .
مۇخبىرنىڭ 24-ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە 99 مىليارد 638 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىغان . بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تاماملىنىپ ، شۇ مەزگىللىك پىلاننىڭ 136 پىرسەنتى ئورۇنلانغان ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 61.7 پىرسەنت ئاشقان .
بۇنىڭ ئىچىدە ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرىدە 39 مىليارد 790 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ ، ئىگىلىگەن نىسبىتى 39.9 پىرسەنت بولغان . يېڭىچە سانەئەتلىشىش تۈرىدە 48 مىليارد 734 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى 48.9 پىرسەنت بولغان . يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تۈرىدە 9 مىليارد 356 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ ، ئىگىلىگەن نىسبىتى 9.4 پىرسەنت بولغان . ئىجتىمائىي ئىشلار تۈرى بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كەسپىدە 1 مىليارد 379 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ ، ئىگىلىگەن نىسبىتى 1.4 بولغان . ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تۈرىدە 379 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ ، ئىگىلىگەن نىسبىتى 0.4 پىرسەنت بولغان .
بۇنىڭ ئىچىدە ، 5-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان تۈرلەردىن ئۈرۈمچى سۇ چىقىرىش تۈرى ، بۇلغۇنتاي-ئىۋىرغول تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ-قاراتاغ تۆمۈريولى مەخسۇس لىنىيەسى ، قاراماي ‹‹بۇلۇت ›› ھېسابلاش كەسپى سانائەت باغچىسى قاتارلىق تۆت تۈر بار .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن 330 نى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان ، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 2 تىرىليون 384 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ ، شۇ يىلى 336 مىليار 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان . ئالدىنقى بەش ئايدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە