باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش»بەلگىلىمىسىنى تەستىقلىدى

2013.06.21 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تۈرى 19 – ئىيۇن ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى، ئىچكى ئاپپاراتى، خادىملار ئىشتاتى بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: گوۋۇيۈەن ‹‹دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى، ئىچكى ئاپپاراتى، خادىملار ئىشتاتى بەلگىلىمىسى›› (تۆۋەندە ‹‹ئۈچنى بېكىتىش›› بەلگىلىمىسى، دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى تەستىقلاپ تارقاتتى.

  ‹‹ئۈچنى بېكىتىش›› بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا تەستىقلانغان ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى›› ۋە ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ئىدارىلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ئىدارىسى بولىدۇ.

  فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، ‹‹ئۈچنى بېكىتىش››بەلگىلىمىسىدە ئېنىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەسئۇلىيەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش پىلانى ۋە مەخسۇس تەرەققىيات قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى ئۈلۈشىنى بېكىتىش، توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توك بېرىش كارخانىلىرىدىن بىۋاسىتە توك سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى سىناق قىلىشنى تەستىقلاش، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى دامبىلىرىنىڭ ئىشلىنىش بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكىنى باھالاپ تەستىقلاش، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىككىنچى سىستېمىسىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە لايىھەسىنى تەستىقلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەنلىك دەرىجىسىنى باھالاشنى تەستىقلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسىپلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلار.

  تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن مەسئۇلىيەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت رايونىنى تەسىس قىلىش، تەستىقنى ئۆزگەرتىش، توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى رايونلاردىكى ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارغا چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىقلار.

  كۈچەيتىلىدىغان مەسئۇلىيەت دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، يىرىك پىلان ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش؛ ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تېزگىنلەشنى، ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش.

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئايرىش توغرىسىدا ‹‹ئۈچنى بېكىتىش››بەلگىلىمىسىدە مۇنداق بېكىتىلگەن: دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تۈرلەرنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ياكى تەكشۈرگەندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېنېرگىيە مەھسۇلاتى باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن ياكى تەكشۈرگەندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ؛ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى تەڭشەشتە دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە