- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى يۇڭ ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش خادىمى بولۇپ سايلاندى
2013.06.25 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئىيۇن ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋېينادىكى ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى باش شتابىدا، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش مىنىستىرى لى يۇڭ سايلام غەلبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.
ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 41-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى شۇ كۈنى ئاۋىستىرىيە پايتەختى ۋېينادا بېلەت تاشلاپ باش خادىمنى سايلاپ چىقتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەۋسىيە قىلغان نامزات، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى يۇڭ سايلامدا غەلبە قىلدى. بۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن جۇڭگولۇقنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت مەخسۇس ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە