باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 200 قىز ئىستۇدېنت ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىدۇ

2013.06.21 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2013 – يىلى ‹‹بىر يۈەن بىلەن مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن يىغىلغان خەير – ساخاۋەت پۇلى بىلەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 200 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ، 200 قىز ئىستۇدېنتنىڭ ھەر بىرى 2000 يۈەن ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ قېتىم ياردەمگە ئېرىشىدىغانلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان قىز ئوقۇغۇچىلار بولۇشى، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق كۇرسنىڭ 2 – تۈركۈمىدىن يۇقىرى نومۇر چېكىگە يەتكەن(دۆلەتنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بەرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇشى، شەھەر – بازار ۋە يېزا – كەنتلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، شۇنداقلا ئۆزى تۇرۇشلۇق كوچا باشقارمىسى، يېزا – بازارلاردىن بېرىلگەن نامراتلىق كىنىشكىسى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشى شەرت ئىكەن. بۇ شەرتكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلار 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە ‹‹ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ياردەمگە ئېرىشىشىنى تىزىملاش جەدۋىلى››، كىملىك، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالغان نومۇرىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، ئائىلىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش كىنىشكىسى ياكى نامراتلىق كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، شۇنداقلا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ماتېرىيال سۈپىتىدە يوللاپ بېرىشى، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولغانلار 2319418، 2319150 – 0991 نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالاقىلەشسە بولىدىكەن. شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى يوللانغان ماتېرىيالغا ئاساسەن، شەرتكە توشىدىغانلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلارنى تاللاپ چىقىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە