باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە (ئىقتىسادنى سىلجىتىشنىڭ يېڭى يارقىن نوقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش)

2013.06.25 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو، ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى ھېسابلانغان جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە ئېنگىلاند بانكىسى لوندوندا شۇ جاي ۋاقتى 22- ئىيۇن كەچ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىككى يۈز مىليارد خەلق پۇلى(تەخمىنەن 20 مىليارد فوندستىرلىڭ) لىق جۇڭگو، ئەنگىلىيە ئىككى تەرەپ پۇلىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ خەلق پۇلىنىڭ چىگرا سىرتى بازىرىدا ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ھەمدە سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىگرا ھالقىغان سودىدىكى خەلق پۇلى راسچوتى ۋە پۇل ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن، خەلق پۇلى ھازىر دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە.

  مەركىزىي بانكىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چېگرا ھالقىغان سودىدىكى خەلق پۇلى راسچوتى 2009-يىل 7-ئايدا شاڭخەي ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى تۆت شەھەردە سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ، نۆۋەتتە چېگرا ھالقىغان سودىدا خەلق پۇلى راسچوت قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلگەن. دائىملىق تۈرلەردىن باشقا، مەبلەغ تۈرىدە خەلق پۇلى راسچوت كەسپىمۇ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2010-يىل 8-ئايدىن باشلاپ، چېگرا سىرتىدىكى مەركىزىي بانكا، خەلق پۇلى ھېسابات بانكىسى ۋە خەلق پۇلى قاتناشما بانكىسى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى ئورگانلار خەلق پۇلى بىلەن بانكىلار ئارا ئاكسىيە بازىرىدا مەبلەغ سېلىشقا قاتناشسا بولىدۇ. 2011-يىلى، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنىڭ دائىرىسى سىرتقا قارىتا بىۋاستە مەبلەغ سېلىش، چەتئەل سودىگەرلىرى بىۋاستە مەبلەغ سېلىش ۋە چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەر ئۈچۈن قەرز ئېلىشقا كېڭەيتىلدى.

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، چېگرا ھالقىغان سودا ۋە خەلق پۇلىغا مەبلەغ سېلىش كەسپى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. راسچوت كۆلىمى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىلدى، خەلق پۇلىنىڭ چىگرا سىرتىدىكى قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. سىناق نوقتىسىتەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ بۇ يىل تۆتىنجى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دائىملىق تۈرلەر ئاستىدىكى خەلق پۇلى راسچوتىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 6تىرىلىيون 800مىليارد يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن تۆتىنچى ئايغىچە ئومۇمى سومما بىر تىرىلىيون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى % 72بولغان. پۈتۈن مەملىكەتتە بىجىرىلگەن چېگرا ھالقىپ بىۋاستە مەبلەغ سېلىنغان خەلق پۇلى راسچوتى قىممىتى 547 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن تۆتىنچى ئايغىچە بولغان ئومۇمى سوممىسى 110 مىليارد 600 مىليون بولغان. (مۇخبىر تيەن جۇنروڭ، بەي ياڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە