باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئەڭ قابىل ئاساسىي قاتلام كادىرى» ۋاڭ جيايۈەننىڭ ئىش-ئىزلىرى

2013.06.25 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن ئۆلكىسى جۈنليەن ناھىيەسىدىكى چۈنفېڭ كەنتى تاشلىق چۆلگە جايلاشقان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جيايۈەن كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، سەككىز يىل ئىچىدە تاشلارنىڭ ئارىسىغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ، بۇ نامرات تاشلىق كەنتنى ھاللىق كەنتكە ئايلاندۇردى. تاشلىق كۆلىمى ئۈچتىن بىرى قىسىمنى ئىگىلىگەنلىكتىن، چۈنفېڭ كەنتىنىڭ نامراتلىقتا يىراق-يېقىنغا داڭقى بار ئىدى. سەككىز يىل بۇرۇن، ۋاڭ جيايۈەن چۈنفېڭ كەنتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى، ئۇ ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۆزى يىغقان يۈز مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، 7800 مېتىرلىق كەنت تاشيولىنى ياسىدى. كەنتكە تاشيول ئۇلانغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تاشلىق جايدا تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى سىناق قىلىپ ئۆستۈردى، ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە چۈنفېڭ كەنتى ئالۇچا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. 2005-يىلى چۈنفېڭ كەنتى ئالۇچا تىكىشكە باشلىدى، ئارقىدىن، كەنتتە ئالۇچا جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئالۇچا سودا ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلدى. 2-يىلى چۈنفېڭ كەنتى تۇنجى نۆۋەتلىك ئالۇچا بايرىمى ئۆتكۈزدى، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يۈز نەچچە مىڭ جىڭ ئالۇچا پاك-پاكىز سېتىلىپ بولدى. ھازىرقى چۈنفېڭ كەنتىنىڭ يىللىق ئالۇچا مەھسۇلاتى 600 مىڭ جىڭدىن، كىرىمى ئۈچ مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ؛ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، سەككىز يىل بۇرۇنقىدىن ئالتە ھەسسە كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە