باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ھىندىستاننى نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، دېدى

2013.06.21 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبالى بۈگۈن باغدادتا: ئىراق ھىندىستاننى نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېدى.

  زىبالى 19 – ئىيۇن ئىراققا زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى خولسىد بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: نېفىتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستان ئىراق نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ‹‹ئىراق ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى داۋاملىق نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ››. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال پىكىرلىشىدۇ، دېدى.

  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشى ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە ھىندىستان ئىراندىن ئىمپورت قىلغان نېفىت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.8 41 ئازلىغان، ھىندىستاننىڭ ئىراندىن ئىمپورت قىلغان خام نېفىت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، % 5.5كە چۈشۈپ قالغان. ھازىر ئىراق سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسىلا، ھىندىستانغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان 2 – چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە