باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى «18-ئيۇن» قاتناش ھادىسىسى 15ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ھۆكۈمەت 25مىليون چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ۋە قېپقالغان ئىشلارغا سەرىپ قىلىشقا تەييارلاندى

2013.06.21 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-ئىيۇن، سانجى ئوبلاستى ۋە سانجى شەھىرى «18-ئىيۇن» ۋەقەسى توغرىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قازا قىلغان 15 كىشىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، ۋە بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى دەسلەپكى قەدەمدە شوپۇرنىڭ مەشخۇلاتىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانجى شەھىرى مالىيىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 5مىليۇن يۈەن ئاجرىتىپ دەسلەپكى قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تۆلىدى. ئۇچار ئات بايلىق چەكلىك شىركىتى 2مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ياردارلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالىنىش ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشغا ئىشلەتتى. نۆۋەتتە، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش، قازا قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

  ئاپتوبۇس مەشخۇلات خاتالىقى تۈپەيلىدىن ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەن

  سانجى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى راخمانجان داۋۇت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋەقە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 18-ئىيۇن سانجى ئۇچار ئات بايلىق چەكلىك شىركىتى خىزمەتچىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ غەربى رايون خەلقئارا ساياھەت كوپراتىپىغا ھاۋالە قىلىپ، 365نەپەر خىزمەتچىنى مىئەرگۇ يېزىسىدىكى مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ رەسمىي ساياھەت توختامى ئىمزالىغان.

  شىنجاڭ غەربىي رايون خەلقئارا ساياھەت كوپراتىپى 10 چوڭ ئاپتۇبۇس ۋە بىر سودا ماشىنىسى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، A89385 نومۇرلۇق چوڭ ئاپتۇبۇس 36كىشىنى ئېلىپ، X125 لىنىيىسىنى بويلاپ سانجى شەھىرىگە قايتقان. سائەت 17دىن 10مىنۇتلار ئۆتكەندە مىئەرگۇ يېزىسىدىكى داۋانغا 2 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا كەلگەندە ئاپتۇبۇس يولدىن سېرىلىپ چىقىپ، ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ،15ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 21 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئايال بولۇپ، نۆۋەتتە 14كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى. بىر كىشىنىڭ چىرايى ئېغىر بۇزۇلغانلىقتىن، سالاھىيىتى تېخى تولۇق ئېنىقلانمىدى.نۆۋەتتە 21 نەپەر يارىدار دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا 10 يارىدار(2سى ئېغىر، 8كىشى يېنىك يارىلانغان)، سانجى ئوبلاستلىق جۇڭگو تىبابەت دوختۇرخانىسىدا 4نەپەر يارىدار(يىنىك يارىلانغان)، سانجى شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا 4 نەپەر (بىرى ئېغىر، ئۈچى يىنىك يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يارىدار شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرستىتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېتىلگەن)، سانجى شەھەرلىك ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر نەپەر (يىنىك يارىلانغان)، لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسىدا ئىككى نەپەر(بىرى ئېغىر، بىرى يىنىك يارىلانغان) داۋالانماقتا. ھازىر ئېغىر يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن مۇقىملاشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: شىنجاڭ سانجى مىئەرگۇ يېزىسىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلىپ، 21 ئادەم يارىلاندى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە