باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا پوچتا ماركىسى توپلاش ھەۋەسكارلىرى 120 مىڭغا يەتتى

2013.06.24 08:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ماركىسى توپلاش جەمئىيىتىنىڭ 7-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پوچتا جەمئىيىتىدىن 16 سى، ناھىيە دەرىجىلىك پوچتا جەمئىيىتى 78 ى، كەسپىي پوچتا جەمئىيىتىدىن ئىككىسى، ئەل ئىچى پوچتا ماركىسى توپلاش گۇرۇپپىسىدىن بەشى، ئاساسىي قاتلام پوچتا جەمئىيىتى گۇرۇپپىسىدىن 1324 ى باركەن، تىزىملاتقان ئەزالار 40 مىڭ 886 كىشى بولۇپ، پوچتا ماركىسىنى توپلاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ سانى 120 مىڭغا يەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پوچتا ماركىسى جەمئىيەتلىرى خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ھازىرغىچە ئودا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك ‹‹مۇنەۋۋەر پوچتا باھالاش تەشكىلىي مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى. جۇڭگو پوچتىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ تېمىسىدىكى ‹‹كۈسەن تاش كېمىرلىرى››، ‹‹كىروران قەدىمىي شەھەر خارابىسى››، ‹‹يىپەك يولى››، ‹‹خوتەن قاشتېشى›› قاتارلىق پوچتا ماركىلىرىنى تارقاتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرش مەخسۇت يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە