باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا قونىدۇ

2013.06.25 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئىچكى موڭغۇل باۋتۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى 26-ئىيۇن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئاساسلىق قونۇش بەلگىلەنگەن رايونغا قونغاندىن كېيىن، باۋتۇ شەھىرىنىڭ ئالاھىدە چارلاش ساقچىلىرى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنىڭ قونۇش نەق مەيدانىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: باۋتۇ شەھەرلىك ئالاھىدە چارلاش ساقچىلىرى بازا خىزمەتچى خادىملىرىغا ماسلىشىپ بىخەتەرلىك خىزمىتى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قوغداش ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن.

  باۋتۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇنداش ئۈچۈن، نۆۋەتتە بۇ شەھەرنىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسمى پۇختا مۇھاپىزەت لايىھەسىنى تۈزگەن، ھەربىر كوماندىر، ئالاھىدە ساقچىنىڭ ئورنى ئېنىق بەلگىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى پىششىق ئىگىلىشى، قوماندانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە: خاسىيەتلىك كېمە 8-نومۇر، 9-نومۇرلارنىڭ قونۇش نەق مەيدانىنىڭ مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن باۋتۇ شەھەرلىك ئالاھىدە چارلاش ساقچىلىرى، بۇ قېتىم يەنە ياخشى قىياپەت، ئىنتىزامچانلىق، ئېھتىياتچان ۋە ئەستايىدىل خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنىڭ غەلىبىلىك قونۇشتىكى مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە