باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى پەيدا بولدى

2013.06.25 09:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يادرو گۇرۇھى: ئېلىمىز يادرو سانائىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى بولغان ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى دەپ جاكارلىدى.

  سېنترىفورگ ئۇران قويۇلدۇرۇشتىكى يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق كونتىرول قىلىدىغان يادرولۇق مەخپىيىتى. خىزمەتچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ يەردىكى سېنترىفورگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىكەن.

  جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى لەنجۇ ئۇران قويۇلدۇرۇش چەكلىك شىركىتى، بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى، سۇ ئاستى يادرو پاراخوتى ۋە بىرىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى چىنشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىگەن. جۇڭگو يادرو سانائەت گۇرۇھى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزدىكى 17 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە