باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 1 مىليون 300 مىڭ مو توغراقلىق قۇرۇپ كېتەي دەپ قالدى

2013.06.21 10:06         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 1 مىليون 300 مىڭ مو تەبىئىي توغراقلىقى ۋە 2 مىليون 600 مىڭ مو ئوتلىقى بار، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى سۇ قىسلىقتىن قۇرۇپ كېتىش، ھالاك بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

  بۇ، 15-ئىيۇن مۇخبىر 2013-يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتى قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋال.

  توغراقلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا، ئاۋات ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم توغراقلىق ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتتى، يوپۇرماقلىرىمۇ قالمىدى. بۇ بىر پارچە توغراقلىق بىر كۈنلىرى قۇرۇپ كەتسە، تەكلىماكان قۇملۇقى بارا-بارا ئاۋات ناھىيەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەسى يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى ۋە خوتەن دەرياسى بىرلەشكەن جايدا بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  كەلكۈن كەلگەندە، يەكەن دەرياسىنىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەن نەچچە ئون كىلومېتىر كەڭلىكتىكى كونا دەريا قىنى تەبىئىي يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ، توسمىنى توسۇپ ئېغىز ئېچىش قاتارلىق سۈنئىي (ئادەمگە باغلىق) تەدبىرلەر ئارقىلىق كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ تەبىئىي توغراقلىقنى سۇغۇرىدىكەن. كەلكۈن بىر قەدەر كۆپ يىللىرى، سۇغۇرۇش كۆلىمى 300 ~ 400 نەچچە مىڭ موغا يېتىدىكەن.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان، يەكەن دەرياسىدىن تارىم دەرياسىغا ئېقىپ بارىدىغان سۇ يىلسېرى ئازىيىپ، دەريا يولى توسۇلۇپ قېلىپ، ئېغىر دەرىجىدە كىچىكلەپ (تارىيىپ)، دەريا يولى (قانال) نىڭ سۇ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىغان. ئەگەر يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قانالنىڭ لېيى ئادالانمىسا، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىغا ئېكولوگىيە سۈيى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش تەس بولىدىكەن.

  ئاۋات ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۇەن گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010-يىلىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنى تۈزەش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان يەكەن دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى قانالنىڭ لېيىنى ئادالاش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، يېڭىدىن بىر دەريا يولى (قانال) ياسالغان. يەكەن دەرياسىنىڭ تاشقىن مەزگىلىدىكى كەلكۈن سۈيى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن، بىراق ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى بولمىغاچقا، ئىلگىرى تەبىئىي قانال كەلكۈن سۈيىگە تايىنىپ سۇغۇرۇلۇۋاتقان توغراقلىق ۋە ئوتلاقنى يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسىدىن سۇ باشلاپ كېلىپ سۇغۇرغىلى بولماي، ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاش ھالىغا چۈشۈپ قېلىپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان.

  بۇنىڭدىن سىرت، كىشىلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىشى ۋە نامۇۋاپىق ئىشلىتىشى نۇرغۇن سۇ بايلىقىنى ئاستا-ئاستا قۇرۇتىۋەتكەن، بۇمۇ تەبىئىي ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ سۇسىزلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى.

  ئاۋات ناھىيەسى يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشنى قاتتىق چەكلەش، مۇداپىئە كۆرۈش، توسۇش ۋە باشقۇرۇپ قوغداش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقنى ئازايتقان.

  دۇەن گاڭ مۇنداق دېدى: «تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ ئېقىتىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرى ئېقىنىدىكى توغراقلىقنى قوغداش قاتارلىق ئېكولوگىيە مەسىلىلىرىگىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى كۆپەيتىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 1 مىليون 300 مىڭ مو توغراقلىقى ۋە 2 مىليون 600 مىڭ مو ئوتلىقىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ، پۈتۈن ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە