باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چۆچەك چىگرا ساياھىتى تۇنجى ئۆمىكى ئاي ئاخىرىدا قازاقىستانغا يولغا چىقىدۇ

2013.06.21 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستانغا بارىدىغان چۆچەك چىگرا ساياھىتى تۇنجى ئۆمىكى 26-ئىيۇن قازاقىستانغا قاراپ يولغا چىقىپ، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان چۆچەكتىن قازاقىستاننىڭ شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى ئۇرجار ناھيەسى ئاراكۆل مەنزىرە رايونى ساياھەت لىنىيىسىنى ئەمىلىلەشتۈرىدۇ.مۇخبىرنىڭ 19- ئىيۇن چۆچەك شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چىگرا ساياھەت تۇنجى ئۆمىكى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى 4 ساياھەت كوپىراتىۋىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە چۆچەك شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىق 20نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يۈرۈش ئاساسلىق چىگرا ساياھەت لىنىيىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشىغا تەييارلىق قىلىش ئىكەن.

  شىنجاڭ جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىۋى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرى جى چىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چىگرا ساياھىتى تۇنجى ئۆمىكى ئۇرجار ناھيەسى ئاراكۆل مەنزىرە رايونىنىڭ مېھمانخانا ئەسلىھەلىرى، كۈتىۋېلىش ئىقتىدارى، بىخەتەرلىك، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگەئالغان بارلىق تەرەپلەرنى تەكشۈرىدۇ.چۆچەك شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيا شىڭلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىگرا ساياھەتچىلىكى تۇنجى ئۆمىكى بۇ ساياھەت لىنىيىسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، پىشقان يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتىنى تېزراق ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. (ساۋ لىڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە