باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى 25- ئىيۇن باشلىنىدۇ

2013.06.24 14:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئىيۇن، 2013-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكان (خەلقئارالىق) راللى مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. خەلق تورى شىنجاڭ قانىلى مۇخبىر ئەۋەتىپ مۇسابىقە ئاپتوموبېل ئەترىتى بىلەن بىرگە مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىپ، توردا دوستلارغا تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان كەينىدىكى ھىكايە ۋە مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مۇسابىقە ئىشلىرى تەشكىلاتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىگە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن 42 ئاپتوموبېل ئەترىتى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ماشىنا ئەترىتىدىن سەككىزى بار ئىكەن. بارلىق ماشىنا ماھىرلىرى 25-ئىيۇن سائەت 11:00دە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ۋۇجياچۈگە قاراپ يولغا چىقىپ بىرىنچى مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىگە كىرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە