باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 300دىن ئارتۇق ئىدارىنىڭ 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئېنېرگىيە تېجەش مەبلىغىنى ئالدامچىلىق بىلەن يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

2013.06.24 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا تەپتىش مەھكىمىسى «5044 تۈرلۈك ئېنېرگىيە تېجەپ ئىشلىتىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىدارىلەر 348 تۈردە مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن، يالغاندىن مەلۇم قىلغان، كۆز بوياپ ئېلىۋالغان بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ ئىشلىتىش ( 21110- نۇسخا)، ھاسىلىي ئېنېرگىيە (21112-نۇسخا) ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش (21113-نۇسخا) قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تۈرىدىكى ئۈچ نۇسخىلىق تۈر مەبلىغى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ نۇسخىلىق تۈر» مەبلىغى دېيىلىدۇ) 16 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش مەبلىغىنىڭ 2.6 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە