باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى نېمىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ

2013.06.24 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ قىيىن پەسىل»دە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش ئىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى. جايلار تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى زىچ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى. لېكىن، زىيارەت داۋامىدا بايقىشىمىزچە، بەزى جايلاردا سىياسەت ياخشى بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيلەشمىگەن، ھەتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار ئاز بولغانلىقتىن، پۇل ئىشلىتىلمەي تۇرۇپ قالغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىدىن تارتىپ سودا-سانائەت، باج ئىشلىرى ئاپپاراتلىرىغىچە نۇرغۇن سىياسەتلەرگە بېرىلگەن پۇل كۆپ، تۈرلۈك ياردەم پۇلى، ئۆسۈمسىز قەرز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەق. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ «قوزغىتىلماسلىقى»، ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ «ئىشلىتىلمەسلىكى»دىكى ھالقىلىق مەسىلە ــ «سىياسەتلەرنى تۇتاشتۇرۇش» خىزمىتىگە سەل قارالغان. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىدىغىنى چەكلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىدىغىنى ئاز، ھەتتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭمۇ بىلىدىغىنى يېرىم يارتا بولسا، ياخشى سىياسەتنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئىسراپ بولۇپ كېتىشى ئېنىق. (جاڭ جىفېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە