باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ياشلارنىڭ دوستى بولۇڭلار، ياش «مەنسەپدارلار»دىن بولۇپ قالماڭلار

2013.06.21 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، جۇڭنەنخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىش، ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ياشلارغا تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر ۋە ياشلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، ياشلارنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق سەھىپىلەرنى داۋاملىق يارىتىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن سۆھبەتكە قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى چىن يىجى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرىدىن خې جۈنكې، لو مېي، ۋاڭ خۇڭيەن، جۇ چاڭكۈي، شۈي شياۋ، بو جېنباڭلار پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم پات – پات سۆز قىستۇرۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر بايانلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. سىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىدە ياشلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ئىگىلەش كېرەك. ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى غايە – ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جەلىپكارلىق ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا جەزمەن غايە – ئېتىقاد يۈكسەكلىكىدە تۇرۇشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھايات ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ياشلارنى قوراللاندۇرۇپ، تارىخىي قاراش بىلەن ياشلارغا ئىلھام بېرىپ، ئۇلۇغۋار نىشان بىلەن ياشلارغا چاقىرىق قىلىپ، پارلاق كەلگۈسى بىلەن ياشلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، پارتىيەگە تايىنىش، ئېتىقاد قىلىش، ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئاچقۇچى خىزمەتلەرنى ياشلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان تەرەپلەرگىچە كېڭەيتىشتە قەيەردە ياشلار بولىدىكەن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى شۇ يەردە قۇرۇش؛ ياشلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى قاراتمىچانلىققا ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋە ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇستەھكەم قۇرغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ياشلارنىڭ سىردىشى بولۇشقا تىرىشىپ، ياشلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياشلارنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ياشلارنىڭ ھال – مۇڭىغا يېتىپ، تەشكىلاتنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ئىشقا سېلىپ، ياشلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى ئامالنىڭ بارىچە تۈگىتىش ئارقىلىق، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى ياشلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئالدى بىلەن ئويلايدىغان، ئىزدەپ تاپالايدىغان ۋە تايىنالايدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئىتتىپاق كادىرلىرىغا باغلىق. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرلىرى چوقۇم غايە ۋە ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشى، غايىگە باي بولۇشى كېرەك، ئىتتىپاق كادىرلىرى ياشلار ئارىسىدا ئىناۋىتىنى تىكلەپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن غايە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى كېرەك. ئىتتىپاق كادىرلىرى ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ياشلارغا تايىنىپ، ھەممە ئىشتا ياشلارنى ئويلاپ، ياشلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ياشلارنىڭ ‹‹ئەمەلدار››ى بولۇۋالماسلىقى، پارتىيەنىڭ ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە ياشلارنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىتتىپاق كادىرلىرى چوقۇم خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كىتابتىن، ئەمەلىيەتتىن ۋە ياشلاردىن ئۆگىنىپ، ياشلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىش جەريانىدا خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ياشلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش داۋامىدا ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئىتتىپاق كادىرلىرى ئەنئەنىۋى ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشتا، ھەر ۋاقىت يېڭىلىق يارىتىدىغان كۈچلۈك ھېسسىيات ھەم پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەش روھىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ھوشيار بولۇش، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ئىبارەت ‹‹تۆت خىل ئىستىل››غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىغا لى يۈەنچاۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. ليۇ چىباۋ، جاۋ لېجى، لى جەنشۇ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە