باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئۈچ مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولدى

2013.06.21 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئولتۇرغان ئايروپىلان 18 – ئىيۇن بېرلىنغا قوندى، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان تۆت يىلدىن بۇيان گېرمانىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى.

  خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: ئوبامانىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىشىدا يادرو قوراللارنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلىش، ‹‹پىرىزما›› ۋەقەسىنى ئاقلاش، گېرمانىيە – ئامېرىكا ۋە ياۋروپا – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلەشتىن ئىبارەت ئۈچ مەقسەت بار. بىراق زىيارەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، ئوباما زىيارەت داۋامىدا ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئانچە ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالمىغان.

  يادرو قوراللارنى ئازايتىشنى يەنە تەشەببۇس قىلىش

  يادرو قوراللارنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلىش ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى. بىراق تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە بۇ تەشەببۇسنى ئانچە قوللاپ كەتمىگەچكە، ئۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.

  ئوباما سوغۇق ئۇرۇشنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىگە ئىگە بولغان بىراندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدا مۇنداق دېدى: ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان يادرو قوراللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئازايتىۋەتكەندىمۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچلۈك، ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيە تەھدىتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن يادرو قوراللارنى ئازايتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى يادرو قوراللار تەھدىت ھالىتىدىن ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك.

  ئوبامانىڭ مۇراجىئىتى موسكۋادا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالمىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 19 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: بىز ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا يول قويمايمىز، دۆلىتىمىزنىڭ يادرو كۈچىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتمەيمىز. ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەربىي ئالەم قاتنىشى مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى.

  ‹‹پىرىزما›› ۋەقەسىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئازايتىش

  ‹‹پىرىزما›› ۋەقەسىنىڭ تور نازارەتچىلىك تۈرىنى ئاقلاش، گېرمانىيە خەلقىنىڭ كەيپىياتىنى تىنچىتىش ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى.

  يېقىندا، تاراتقۇلار ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ‹‹پىرىزما›› تور نازارەتچىلىك تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېلېفون ۋە تور مەخپىيەتلىكىنى نازارەت قىلىشنى ئاشكارىلاپ، چوڭ غوۋغا پەيدا قىلدى. گېرمانىيە خەلقى شەخسىي ئەركىنلىكى ۋە مەخپىيەتلىكى دەخلى – تەرۈزگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ زور كۆلەمدىكى نازارەتچىلىك ھەرىكىتىدىن چۆچۈدى ۋە غەزەپلەندى.

  بىراق، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر قەدەر ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولدى. ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيەنىڭ ‹‹ئەينەك ھەپتىلىك گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالاقە تورىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىلىق پىلانى بار بولۇپ، تېررورچىلارنىڭ قوزغىماقچى بولغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.

  تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تورنى نازارەت قىلىش جەھەتتە ئورتاق تەرەپلىرى بار ئىكەن، لېكىن، نازارەت قىلىش دائىرىسى ۋە دەرىجىسى جەھەتتە ئۇلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان پىكىر بار ئىكەن.

  ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكىنى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  گېرمانىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش قايتا تەكىتلەندى

  ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى گېرمانىيەنى بەزلەپ، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يەنىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش.

  خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدىن بۇيان، ياۋروپادا ئامېرىكا ئىستراتېگىيە نۇقتىسىنى ئاسىياغا يۆتكەپ، ياۋروپاغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالدى، دېگەندەك جامائەت پىكرى پەيدا بولدى.

  بۇنىڭغا قارىتا ئوباما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بىلىمەن، گېرمانىيەدە بەزىلەر ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاقلىق ئۇنچە مۇھىم بولماي قالدى، ئامېرىكىنىڭ نەزەرى ئاسىياغا يۆتكەلدى، دېيىشىۋاتىدۇ. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى كوك بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز خەۋپسىزلىك ۋە ئەركىنلىكىمىزنىڭ ئۇلتېشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم.

  ئوباما بىلەن مېركىل گېرمانىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىگەن بولسىمۇ، بىراق گىرمانىيەنىڭ ‹‹جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى››نىڭ ‹‹ئاددىي دوستلۇق›› تېمىسىدىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلگەندەك، گېرمانىيە جامائەت پىكرى بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان، ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان گېرمانىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىغان دەپ قارالغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە